باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىنقى ئون ئايدىكى جەرىمانىسى بىر مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2017.12.08 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلغان «كۈن بويىچە ئۇدا جەرىمانە قويۇش»نىڭ ئومۇمىي جەرىمانە سوممىسى بىر مىليارد يۈەندىن ئاشتى دەپ ئۇقتۇردى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۈن ھېسابلاپ ئۇدا جەرىمانە قويۇش، پېچەتلەش ۋە تۇتۇپ قېلىش، ئىشلەپچىقىرىشقا چەكلىمە قويۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىش، مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، مۇھىت بۇلغاش جىنايىتى بىلەن گۇمانلىنىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق بەش تۈرلۈك دېلو جەمئىي 32 مىڭ 227 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %126 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، جېجياڭ، جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ جەرىمانە قويۇش دېلوسى بىر قەدەر كۆپ بولغان. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مۇھىتنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېييوڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلارنىڭ قانۇن ئىجراسى داۋاملىق كۈچەيتىلدى. بەش تۈردىكى دېلو بۇ يىل تېخىمۇ تېز كۆپەيدى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئۈچ يىللىق مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى خىزمەت بويىچە يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى، بۇ يىللىق مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى يولغا قويۇش يىلىدا، بارلىق ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىن مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا ئومۇميۈزلۈك تەتبىق قىلىنىدىغان كونكرېت تەدبىر، ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر