باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى ئون ئايدا شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن نۇرغۇن ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى

2017.12.08 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 11 مىليون 910 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، 11 مىليون ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن يىللىق كۆزلىمە نىشان مۇددەتتىن ئىككى ئاي بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغان. تەھلىلگە قارىغاندا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلىنىشى ئاساسلىقى مۇنداق تۆت جەھەتنىڭ پايدىسىدىن بولغان. 1-ئىقتىساد مۇقىم ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ تەكشى بولۇشىغا تىرەك ھازىرلاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.9 ئاشتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مىقدارى ئىككى تىرىليون 350 مىليارد يۈەنگە يەتتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئەۋرىشىملىكى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. 2-ئىقتىساد قۇرۇلمىسى سەرخىللاشتى، بولۇپمۇ 3-كەسىپنىڭ تېز تەرەققىياتى ۋە يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەتنىڭ ياخشى تەرەققىيات ئەھۋالى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %52.9 بولدى، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %58.8 كە يېتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۆرۈنەرلىك تۈرتكە بولدى. 3-ئىسلاھات پايدىسىنى قويۇۋېتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى. ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، نۇرغۇن ئىش ئورنى يارىتىلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تىزىمغا ئېلىنغان كارخانا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.5 ئېشىپ، كۈنىگە ئوتتۇرىچە 16 مىڭ 500 كارخانا يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇردى، يېڭىدىن كۆپەيگەن كارخانىلارنىڭ 3-پەسىلدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۆھپە قوشۇشنى نىسبىتى %25 تىن يۇقىرى بولدى. 4-ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى يەنىمۇ رول ئوينىدى، بۇ يەنە ئەمگەكچىلەرنىڭ توختىماي ئالغا بېسىش ۋە ئۆز تىرىشچانلىقىدىنمۇ ئايرىلالمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر