باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان يۈز ئادەمنىڭ يېرىمى تورغا چۈشتى

2017.12.08 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان يۈز ئادەم»نىڭ بىرسى بولغان لى ۋېنگې تۈنۈگۈن دۆلەتكە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى، بۇنىڭ بىلەن «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان يۈز ئادەم»نىڭ 51 ى تورغا چۈشتى. لى ۋېنگې، ئەر، 1968-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرى پەنلۇڭ رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى ئىدى، توختام ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىلغانلىقتىن، 2013-يىلى 8-ئايدا كاناداغا قېچىپ كەتكەن. لى ۋېنگې ئۆزىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان يۈز ئادەم»نىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تورغا چۈشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تورغا چۈشكىنىدىن ئۈچى بار.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، 14-خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، چەتئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىلىرى ۋە خەلقئارادىكى تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودىكى ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، ئېلىمىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. بۇ يىل 10-ئايغىچە، ئېلىمىز 90 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا قېچىپ كەتكەن 3587 ئادەم، توققۇز مىليارد 541 مىليون يۈەن ھارام پۇلنى قايتۇرۇپ كەلدى. بۇندىن باشقا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك ھەر يىلى خورىتىدىغان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قىممىتى ئىككى تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، يەر شارى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2 نى ئىگىلىگەن.

  چەتئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ماداغاسقارنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى ھىكونىنا مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ، بىر يولدىن ئىبارەت پاكلىق يولى تەشەببۇسى-چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىلىرى جۇڭگونىڭ چىرىكلىكنى مەغلۇپ قىلىش، پاك جەمئىيەت قۇرۇشىغا تۆھپە ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگونىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەملىكەتلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى قۇرۇش تەدبىرى ۋە تەشەببۇسىنى ئىنتايىن قوللايمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىدىكى بىر مۇھىم تەشەببۇسى-چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا خەلقئارانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش. جۇڭگو بۇ جەھەتتىمۇ ناھايىتى پايدىلىق بولغان جۇڭگو تەجرىبىسىنى تەقدىم قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر