باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چى يۈ: پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۆتكىلىنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش كېرەك

2017.10.20 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، «پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش» تېمىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭ مېيدىيا مەركىزىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى يۈ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئەھۋالنى تونۇشتۇرغاندا، چى يۈ مۇنداق دېدى: بىز، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. «ئومۇمىي ساننى كونترول قىلىش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇش»تىكى ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۆتكىلىنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى كۆلىمىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىنى ساقلاپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. 2012- يىلىدىكى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ بەش يىل جەريانىدا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى تۆت مىليون 320 مىڭ نەپەر كۆپەيدى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %1.2 ئېشىپ، ئومۇمىي مىقدارىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  چى يۈ مۇنداق دېدى: بىز، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۈندىلىك تەربىيەلىنىشى ۋە باشقۇرۇلۇشىنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، «ئۈچ يىغىن ۋە بىر دەرس» قاتارلىق تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك. ھەر ساھەدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاجىز ۋە چېچىلاڭغۇ بولغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى داۋاملىق تەرتىپكە سېلىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى گەۋدىلىك كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى باشقۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان شەھەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، بىر قىسىم دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشى، تەدرىجىي يوقاپ كېتىشى، مەۋھۇم ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى ۋە چەتلىشىپ كېتىشىدەك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، 195 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىپ، ئۇلارنى نامرات كەنتلەرنىڭ 1- شۇجىسى بولۇشقا تەيىنلەپ ئەۋەتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. شەھەر، ناھىيە ۋە يېزىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك پارتكوم شۇجىلىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باھالاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئورگان، كارخانا ۋە ئالىي مەكتەپ قاتارلىق ساھەلەرگە بۇ تۈر خىزمەتنى كېڭەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ شۇجىسى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنىڭ تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكتلىرىغا ھوقۇقنى بېرىپ، ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 175 مىليون ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، ئۇ، بەش يىل ئىلگىرىكىدىن %43.8كۆپەيگەن، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈم ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى.

  يولداش چى يۈنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  چى يۈ، ئەر، خەنزۇ، 1961- يىلى تۇغۇلغان، خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 1982- يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن. غەربىي شىمال سىياسىي قانۇن ئىنستىتۇتى پەلسەپە كەسپىدە ئوقۇغان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ ئۈچ يىللىق تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. يولداش چى يۈ ئۇزاق مۇددەت تەشكىل تارمىقىدا خىزمەت قىلغان، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە قورۇلۇشى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ، پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى پىششىق بىلىدۇ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلار خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ھازىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر