باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پاسپورتنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش ئىناۋەتلىك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئىكەنلىكىنى بېكىتتى

2017.05.24 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 23-ماي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورتى ئايروپىلانغا چىقىش ئىناۋەتلىك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بولالايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن مەملىكەت ئىچىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش رەسمىيىتى بېجىرىشكە بولىدۇ؛ يولۇچىلار دۆلەت ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا چىقماقچى بولۇپ بېلەت سېتىۋېلىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىگەندە، ئوخشاش بىر خىل ئايروپىلانغا چىقىش ئىناۋەتلىك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئىشلىتىشى كېرەك.

  پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يولۇچىلارغا ئاھالىلەر كىملىكىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىناۋەتلىك مۇددىتى توشقانلار ۋاقىتلىق ئاھالىلەر كىملىكى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى چىقىرىپ بەرگەن شۇ كىشىنىڭ يېقىندا چۈشكەن يالاڭباش سۈرىتى چاپلانغان ۋە نوپۇس تامغىسى بېسىلغان، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىزاھلانغان «ئاھالىلەر سالاھىيەت كىنىشكىسى ئېلىش ئۇچۇر قەغىزى»نى ئايروپىلانغا چىقىش ئىناۋەتلىك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى قىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا پۇقراۋى ئايرودۇرۇم جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ «خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئېھتىياجى بار يولۇچىلارغا «پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇش ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى» بېرىپ، يولۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر