باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باڭكوكدىكى بىر دوختۇرخانىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 20 نەچچە ئادەم يارىلاندى

2017.05.23 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 22 ـ ماي چۈشتىن بۇرۇن، پايتەخت باڭكوكقا جايلاشقان تايلاند ئۈچ ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 20 نەچچە ئادەم يارىلاندى. شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇ بىر قېتىملىق بومبا ھۇجۇمى دېلوسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ دوختۇرخانا ئاساس جەھەتتىن ھەربىي ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن، ئادەتتىكى بىمارلارنىمۇ كۆرىدىكەن. ساقچى تەرەپ پارتلاش دېلوسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن توك يولى، باتارېيە ۋە بىر قىسىم توك سىمى قاتارلىقلارنى بايقىغان.

  22- ماي دەل تايلاندتا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىگە ئۈچ يىل بولغان كۈن. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى سەنسېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر پارتلىتىش دېلوسىنى ئۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئۈچىنچى يىللىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دېيىش تېخى بالدۇر. ھازىرغا قەدەر، تېخى ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر