باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

پارتكومنىڭ مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك

2017.05.24 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «پارتكومنىڭ مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مۇتەخەسسىسلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تايانچ كۈچى. مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى شۇنداقلا زىيالىيلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى بولۇپمۇ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنى سىياسىي جەھەتتە يېتەكلەش ۋە سىياسىينى قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە تولۇق ئىشىنىپ، ئىدىيە جەھەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكلەپ، خىزمەت جەھەتتە شارائىت يارىتىپ، تۇرمۇش جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىپ كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتكومنىڭ مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، نورماللاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى ئەڭ زور چەكتە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى يىغىپ ئىشلىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر