باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ چاۋشيەن بىلەن كورېيە ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىنى كۈچەيتىشنى قوللايدىغانلىقىنى دېدى

2017.05.24 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە زۇڭتۇڭى مون جائىننىڭ يېقىندا چاۋشيەنگە ئالاقىدار مەسىلە ئۈستىدە كۆرسەتكەن ئىپادىسىگە نىسبەتەن، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 23- ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن بىلەن كورېيە ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ كۈچەيتىلىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى قاتالىقلارنى قوللايدۇ.

  شۇ كۈندىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر چەتئەللىك مۇخبىر بىزدىن مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىساق، كورېيە زۇڭتۇڭى مون جائىن چاۋشيەن بىلەن سۆھبەتلىشىش سىياسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇنداق دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن، يەنى، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان جازا رامكىسىدا بۇزغۇنچىلىق كۆرۈلمىسىلا، چاۋشيەندىكى خادىملار ئارا، جەمئىيەتلەر ئارا ۋە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە دېگەندەك كۆپ ساھەلەردىكى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە چاۋشيەنگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان. سىلەر جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىلەر؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: جۇڭگو تەرەپ كورېيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەن سىياسىتى جەھەتتە ئاكتىپ سىگنال قويۇپ بەرگەنلىكىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن بىلەن كورېيە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشىنى كۈچەيتىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشى، يارىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى قاتارلىقلارنى ئىزچىل قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر