باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى ئىمپورت قىلىنغان شېكەرلەرنىڭ كاپالەت تەدبىرلىرى ئۈستىدىكى ئاخىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

2017.05.24 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە: يېقىندا، سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بۇ يىللىق 26- نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشىدا، ئىمپورت قىلىنغان شېكەرلەرنىڭ كاپالەت تەدبىرلىرىنىڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈش قارارىنى ئېلان قىلغان، تەكشۈرۈش مۇددىتى ئىچىدە تەكشۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنغان مىقدارى ئاشقان، جۇڭگو دۆلەت ئىچىدە شېكەر ساھەسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، ھەمدە ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ سان مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بۇ ئېغىر زىيان ئوتتۇرىسىدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بېكىتكەن.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسلانغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى 2017- يىلى 22- مايدىن باشلاپ ئىمپورت قىلىنغان شېكەر مەھسۇلاتلىرىغا كاپالەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغان. بۇ كاپالەت تەدبىرلىرى ئىچىدە، تاموژنا بېجى نورمىسى دېگەنلەرنى بېكىتكەندىن باشقا يەنە، ئىمپورت قىلىنغان شېكەرلەرنىڭ كاپالىتىدىكى بىر تەدبىر سۈپىتىدە، ئۇ شېكەرلەردىن تاموژنا بېجى ئېلىش چارىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ھەمدە ئۇ چارىنى يولغا قويۇش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدىكەن ۋە يولغا قويۇلغان مەزگىلدە مەزكۇر تەدبىرى تەدرىجىي قويۇۋېتىلىدىكەن. 2017- يىلى 22- مايدىن 2018- يىلى 21- مايغىچە ئۇ خىل شېكەرلەردىن ئېلىنىدىغان باجنىڭ نىسبىتى %45، 2018- يىلى 22- مايدىن 2019- يىلى 21- مايغىچە باج نىسبىتى %40، 2019- يىلى 22- مايدىن 2020- يىلى 21- مايغىچە باج نىسبىتى %35 بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە: گۇاڭشى قەنتچىلىك جەمئىيىتى دۆلەت ئىچىدىكى شېكەر ساھەسىگە ۋەكىل بولۇپ 2016- يىلى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى سودا مىنىستىرلىقىغا كاپالەت تەدبىرلىرىنى تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى سۇنقان. مەزكۇر ئىلتىماستا مۇنۇلار تەشەببۇس قىلىنغان: يەنى، 2011- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە شېكەر ئىمپورت قىلىش مىقدارى شىددەت بىلەن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى بۇ خىل كەسىپلەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئۈچۈن، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىقى مەھسۇلاتلارنىڭ كاپالەت تەدبىرلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. سودا مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەزكۇر ئىلتىماس «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كاپالەت تەدبىرلىرى نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ئىكەن، دەپ قارىغان، ھەمدە، 2016- يىلى 9- ئاينىڭ 22- كۈنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر