باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ششىۋېيتسارىيە ئېنېرگىيە تۈزىتىلمىسىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى

2017.05.23 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىۋېيتسارىيە 21-ماي ئېنېرگىيە تۈزىتىلمىسىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى. ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، 58 پىرسەنت شىۋېيتسارىيە پۇقراسى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى قوللىغان. بۇ نەتىجە بۇ دۆلەتنىڭ «2050-يىلىغىچە بولغان ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسى»دىكى توسالغۇلارنى رەسمىي ھەقىقىي تۈگەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  تۈزىتىلمە قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، شىۋېيتسارىيە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى تەستىقلىمايدۇ لېكىن تاشلاپ قويۇلغان يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ كونكرېت ۋاقىت جەدۋىلىنىمۇ تۈزمىدى. تۈزىتىلمە قانۇن لايىھەسىدە كەلگۈسىدە تىرىلمە ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش بېكىتىلدى.

  قوللىغۇچىلار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسى شىۋېيتسارىيەنى «تارىخىي خاراكتېرلىك بىر قەدەم» باسقۇزدى، بۇ شىۋېيتسارىيەنى ئېنېرگىيەدە ئىمپورتقا تايىنىۋېلىشتىن قۇتۇلدۇرىدۇ؛ قارشى تۇرغۇچىلار شىۋېيتسارىيەدە پەسىللىك ئېنېرگىيە تەمىناتى قىسلىقى كېلىپ چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر