باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەت ئارمىيەلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە

2017.05.23 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىن ئارمىيە دائىرىلىرى 21-ماي بايانات ئېلان قىلىپ: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارمىيەلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان تېررورلۇققا زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  فىلىپپىن قوراللىق قىسمى ئاممىۋى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئارۋالو شۇ كۈنى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى يېقىندا ھەمكارلىق خىتابنامىسى ئىمزالاپ، ھەربىي مانېۋىر، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيەلىرى يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق قىسىم ئىشتاب باشلىقلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىن مىخانىزىمىنى رەسمىيلەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق ئىدىيەسىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە زەربە بېرىش ھەمدە ئاپەت خاراكتېرلىك ۋەقە قاتارلىق ئەنئەنىسىز تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىشنى تىرىشىپ كۈچەيتىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر