باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىشىنى قوللاش كېرەك

2017.05.24 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كۆپ خىللاشقان، پەرقلىق، خاس ساغلاملىق ئېھتىياجى كۈنسېرى ئاشتى، ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىدا، داۋالاش ساھەسىدە ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىشىنى قوللاش كېرەك. 2020-يىلىغا بارغاندا، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، داۋالاش تېخنىكىسى، مۇلازىمەت سۈپىتى، نوپۇزى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن زور بىر تۈركۈم بىر قەدەم كۈچلۈك مۇلازىمەت، رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتە ئاساسىي جەھەتتىن دۆلەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت تەدبىرى بېكىتىلدى. بىرىنچى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان مۇلازىمەتنى كېڭەيتىش، ئۇنىۋېرسال داۋالاش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، كەسىپلەشكەن مۇلازىمەتنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئالدىنقى قاتاردىكى داۋالاش مۇلازىمىتىنى تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، خاسلاشقان داۋالاش مۇلازىمىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش، كۆپلىگەن كەسىپنىڭ يۇغۇرما مۇلازىمەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزگىچە، ساغلام مۇلازىمەت كەسىپلەر توپى رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللاش كېرەك. ئىككىنچى، بازارنى ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، تەستىق مۇلازىمىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىغا بولغان سىياسەت مەدىتىنى كۈچەيتىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى كاپالىتىنى ئاشۇرۇپ، سۇغۇرتا بىلەن قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىكتە يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيە-باج ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتىنى كۈچەيتىپ، يەر ئىشلىتىش كاپالىتىنى مۇۋاپىق كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، كەسىپنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە كەسىپ ئىنتىزامىدا قاتتىق قول بولۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن ساھەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سەمىمىي تىجارەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر