باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى دەي خەيبو دېلوسىغا 1-سوت ئېچىلدى

2017.03.17 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، شاڭخەي شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ، شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى دەي خەيبونىڭ پارا ئېلىش، چېگرا سىرتىدىكى ئامانەت پۇلىنى يوشۇرۇش دېلوسىنى سوتلىدى.

  شاڭخەي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 1- شۆبە مەھكىمىسى جاۋابكار دەي خەيبونى 1998-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، شاڭخەي شەھىرى جاڭجياڭ يۇقىرى پەن- تېخنىكا رايونى تەرەققىيات شىركىتى، شاڭخەي جاڭجياڭ (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، شاڭخەي جاڭجياڭ توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى كەسپى رايونى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رايون باشلىقى، شاڭخەي شەھەرلىك ئەسلىدىكى نەنخۇي رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شاڭخەي شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەمدە 9 مىليون 900 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدە پارا ئالغان، دەپ ئەيىبلىدى.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، ئەيىبلىگۈچى- ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا تولۇق پىكىر بايان قىلدى، دەي خەيبو ئەڭ ئاخىرقى بايانىنى ئېلان قىلىپ، سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمگە قايىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سوتنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقى، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقى جاكارلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر