باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» ئېلان قىلىندى

2017.03.17 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-مارت، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا بەرگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىندى. 3-ئاينىڭ 15- كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، بۇ دوكلات تەستىقلاندى.

  دوكلات: 2016-يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەش، 2017- يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە 2017-يىلى ئىشلىنىدىغان نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى قاتارلىق جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن.

  دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2017-يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %3 ئەتراپىدا بولۇش؛ شەھەر- بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى 11 مىليوندىن ئاشۇرۇش، شەھەر- بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلار نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەش؛ ئىمپورت–ئېكسپورتتا مۇقىم ياخشىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقئارا كىرىم-چىقىمدا ئاساسىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش؛ ئاھالىلەر كىرىمى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەملەشتۈرۈش؛ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3.4تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىش، ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر