باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى يېپىلدى

لى يۈەنچاۋ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، يەن جۈنچى، خەن چىدې، ۋەنگاڭ، لىن ۋېنيى يىغىنغا قاتناشتى

2016.06.03 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 2-ئىيۇن بېيجىڭدا يېپىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تالىشىش، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن جۈنچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن چىدې، ۋەنگاڭ، لىن ۋېنيى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ۋەن گاڭ جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى 9-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  لى يۈەنچاۋ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسى بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تەشكىلاتلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتەك دەۋرنىڭ تەلىپىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان خەلق تەشكىلاتى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم كۈچىگە ئايلىنىشى كېرەك. «تۆتكە مۇلازىمەت قىلىش» مەسئۇلىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نىڭ ئىجتىمائىي فۇنكسىيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تالىشىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن، تۈگۈنلۈك، سۇپا خاراكتېرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تور پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى» قۇرۇپ، قولنى ئۇزارتىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر