باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىكنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.06.03 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىكنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 31-ماي چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يىغىننىڭ ئېچىلىشى يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتكە يۈزلىنىش، دۇنيا بويىچە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنىڭ چاقىرىقىنى ياڭراتتى. رايونلار، ئالاقىدار تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېتەكلەش تېپىدىكى تەرەققىياتنى شەكىللەندۈرۈشنى كۈچلۈك تايانچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ليۇ يەندۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، سىياسەتنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتى يارىتىپ، دۇنيا بويىچە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرى ۋەنگاڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 10 ۋەكىل يىغىندا سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر