باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چوڭ سانلىق مەلۇمات دەۋرىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ؟

2016.03.28 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا «زور سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، نەرسە تورىنىڭ كەڭ قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «13-بەش يىللىق يىرىك پىلان» پىروگراممىسىدا چوڭ سانلىق مەلۇماتنى تېخىمۇ زور ئىستىراتېگىيە نۇقتىسىدا يولغا قويۇش ئېيتىلدى. ئامما «چوڭ سانلىق مەلۇمات»نىڭ «يوپۇرۇلۇپ» كەلگەنلىكى ھېس قىلىندى. چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە توختىماي ئېلان قىلىنغان ئىستېمال، سەپەرگە چىقىش، ساياھەتچىلىك، داۋالاش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق چوڭ سانلىق مەلۇماتلار پۇقرالارنىڭ «تەدبىر» بەلگىلىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

  «چوڭ سانلىق مەلۇمات» بۈگۈنكى جەمئىيەتتە «تەكرارلىقى يۇقىرى سۆز» بولۇپ قالدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىنقىلابىي ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، كىشىلەرنىڭ بىلىشى، ھۆكۈم قىلىشى، تەدبىر بەلگىلىشىنى يېپيېڭى قورال بىلەن تەمىنلىدى. چوڭ سانلىق مەلۇمات ھۆكۈمەتنىڭ يۈرۈشۈش، نازارەت قىلىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تەڭشىلىشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر