باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چېخىيە زۇڭتۇڭى زېمان ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2016.03.30 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-مارت چېخىيە زۇڭتۇڭى زېماننىڭ پراگادىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، شى جنپىڭ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ 3-نومۇرلۇق قورۇسىغا كىردى. بايراقچىلار قىزىل گىلەمگە رەتلىك تىزىلغانىدى. زېمان ھەربىي ئوركېستىر ئالدىدا شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى زۇڭتۇڭ بايرىقى ئالدىدا تۇردى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە چېخىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇندىدى، 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. شى جىنپىڭ زېماننىڭ ھەمراھلىقىدا چېخىيە ئارمىيەسى ۋە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى مۇھاپىزەتچى قىسىمىدىن تەشكىللەنگەن ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ چېخىيە ئەسكەرلىرىدىن چېخىيە تىلىدا «جەڭچىلەر ياخشىمۇ سىلەر» دەپ ئەھۋال سورىدى، چېخىيە ئەسكەرلىرى تەڭلا جاراڭلىق ئاۋازدا «ياخشى» دەپ جاۋاب بەردى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقىپ، پارات سېپىنى بىرلەكتە كۆزدىن كەچۈردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر