باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر

2016.03.30 15:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› سەپەرۋەرلىك يىغىنى 28 – مارت ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىمقى يىغىندا شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتى يۈزلەنگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئالاھىدىلىك ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ يىل شىنجاڭدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرغانلىق، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىغانلىق ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىگەنلىك بولۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچىنى ياخشى باشلاش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، مەركەز ئىككى قېتىم شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك تەپسىلىي قاراپ چىقتى ۋە پىلانلىدى. شىنجاڭنىڭ مۇھىملىقىنى مىسلىسىز ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈردى: شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، ئىككى ‹‹100 يىل›› كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ قىيىن، ئەڭ ئۇزاق بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى››، ‹‹شىنجاڭنىڭ ئەڭ زور ئاممىۋى خىزمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقى›› دەپ كۆرسەتتى. بۇ مۇھىم بايانلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداشنىڭ شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ۋە چۈشەندۈردى.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەلرايى ئاساسى، ئىجتىمائىي ئاساسى، ئاممىۋى ئاساسى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسى، ھېسسىيات ئاساسى، ئىدىيە ئاساسى ۋە ئەمەلىيەت ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى. ئۇدا 33 يىل قانات يايدۇرۇلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرىخى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، مول مېۋە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭ دەل ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› ئالاھىدە پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسى تولىمۇ مۈشكۈل. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلگىرىكى بىر قاتار تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› پائالىيىتىنى مەخسۇس قانات يايدۇرۇش ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلىق بولۇشقا پايدىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق ھەل قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تارىخىي ئاساسىنى ئىزچىل مۇستەھكەملەش ۋە شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ زور قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› پائالىيىتىنى چۆرىدەپ بىر قاتار ئىلمىي ھۆكۈم، مۇھىم ئىدىيە، ئومۇمىي تەلەپ، ئاساسىي پىرىنسىپ ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەزمۇنى مول، خىزمەت تەدبىرلىرى ئىنتايىن ئەمەلىي بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچىلىك ۋە قاراتمىلىققا ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيەنى يىغىن روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى سىياسەتنى چۈشىنىش، ئىشەنچنى چىڭىتىشقا يېتەكلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك. ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلىرى ۋە خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجادىي ماسلاشتۇرۇپ، كونكرېت رېئاللىققا، كونكرېت لايىھەگە، كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش مېخانىزمى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، شەخسلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن جەمئىيەتنىڭ تىرىشچانلىقىنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىشلەش ۋە نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ئېچىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر