باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بىر قاتار تەدبىر قوللىنىپ ئاممىنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ

2016.03.30 15:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋ تۇڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا قەتئىي، كۈچلۈك بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئىنكاسى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىكەن. بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىملىكىدىكى ‹‹.›› مەسىلىسى، ‹‹خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش كارتىسى››نى ئىشلەتمەسلىك، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يېزا يەرلىرىنى ئېنىقلاش، بالىلار كېسەللىكى دوختۇرلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، قەشقەردىكى كوزىچى يار بېشىنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى، خىزمىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك.

  رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرنى يېتەكلەيدۇ

  ھەر مىللەت رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ ھەر مىللەت ئامما بىلەن دوستلىشىدۇ، خەنزۇ رەھبىرىي كادىرلار ئاز دېگەندە ئاساسىي قاتلامدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت ئامما بىلەن، ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلار ئاز دېگەندە ئاساسىي قاتلامدىكى بىر خەنزۇ ئامما بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ، مۇھىمى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر، دىنىي زاتلار، ‹‹تۆت پېشقەدەم››لەر، كۆچمە ئاھالە قاتارلىقلار بىلەن قوشماق بولىدۇ.

  زور بىر تۈركۈم ھەر مىللەت رەھبىرىي كادىرلار يېتىشتۈرۈلىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈلىدۇ

  سىياسىيدا قەتئىي، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەخلاق ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ ھەم كارغا كېلىدىغان، ئۈنۈملۈك بىر قاتار تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. ھەر مىللەت كادىرلار پارتىيەنىڭ كادىرلىرى، ھەممە كادىر پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيەنىڭ قائىدىسى ۋە پارتىيە پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك، دېگەن ئاڭ تۇرغۇزۇلىدۇ، ئىشقا قاراپ ئادەم تاللاش، ئادەمنى ئىش ئورنىغا ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ. زور بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى يېتىشتۈرۈلگەندىن سىرت، يەنە ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىنى بىلىدىغان، مىللەتلەر خىزمىتىگە پىششىق زور بىر تۈركۈم خەنزۇ كادىرلار يېتىشتۈرۈلىدۇ. يۇقىرى بىلەن تۆۋەن، جەنۇب بىلەن شىمال، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە داۋاملىق كۈچەيتىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ مەركەز ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردە ۋەزىپە ئۆتىشى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.

  كۆچمە ئاھالىنى باشقۇرۇش مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، 1 – مايدىن باشلاپ خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش كارتىسى ئىشلىتىلمەيدۇ

  2 – ئەۋلاد كىملىك ئەمەلىيلىشىپ ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئەمەلىي قوللىنىلىپ، خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش كارتىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنىڭ ئورنىنى ئاساسەن ئالدى. ئاپتونوم رايون 1 – مايدىن باشلاپ خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش كارتىسىنى ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلدى.

  ئېچىۋېتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن پاسپورتنى تەستىقلاش، بېرىشنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ

  ئاپتونوم رايون بۇلتۇر ئادەتتىكى پاسپورتنى تەستىقلاش، بېرىشنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، ئىلتىماس قىلىش شەرتى ۋە بېجىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ھەم ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىگرادىن قانۇنلۇق، نورمال كىرىپ – چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ئادەتتىكى پاسپورتنى تەستىقلاش، بېرىشنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما رازى بولدى. بۇ يىل خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىگرادىن قانۇنلۇق كىرىپ – چىقىش ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلىدۇ.

  ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىنىشكىلىرى قېلىپلاشماسلىق، بىردەك بولماسلىق مەسىلىسى ياخشى ھەل قىلىنىدۇ

  ئوقۇلۇشى ئوخشاش، يېزىلىشى ئوخشىماسلىق، خېتى كۆپ ياكى ئاز بولۇش، ئىسىم بىلەن فامىلە ئالمىشىپ قېلىش، ئىسىم بىلەن فامىلە ئوتتۇرىسىدىكى ‹‹.››نىڭ ئورنى ئوخشاش بولماسلىق قاتارلىقلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پاسپورت، كىملىك قاتارلىق كىنىشكىلىرىنى ئىشلىتىشتە ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن مەسىلىلەر بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، ئاممىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى. ئاپتونوم رايون بانكا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالاش قاتارلىق جەمئىيەت قاتلاملىرىدا تېزدىن بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم تۈزۈپ، پاسپورت، 2 – ئەۋلاد كىملىكنى ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ، بۇ يىل ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە مۇشۇ مەسىلە ئالدى بىلەن ھەل قىلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يېزا يەرلىرى ئېنىقلىنىدۇ

  ئاپتونوم رايون بۇلتۇر قەشقەردە مەخسۇس يەر ئېنىقلاش ۋە ئاممىۋى خىزمەت نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا يەرلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى. يېرىم يىلدىن بۇيان يېزا يەرلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم تەدبىرى قىلىنىپ، بەلگىلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. بۇ يىل جايلار يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ھەقىقىي يولغا قويۇپ، ياخشى ئۈنۈم يارىتىدۇ.

  ئارىلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ

  ئىككى يىلدىن بۇيان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەر مىللەت خەلقنى ئارىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئارىلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن ئىزدىنىپ، بىر تۈركۈم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يېڭى كەنتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگە رايونلىرىنى بەرپا قىلىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. يەكۈنلەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر تېخىمۇ ياخشى ئىشلىنىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تارقىلىشى، ئولتۇراقلىشىشى، ئۆگىنىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، پىلانلاش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىدۇ. قىسقىسى، كۆپ تەدبىر قوللىنىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي تارماق رايونى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئارىلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ ۋە ئىلگىرىكى سەۋىيەدىن ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈلۈپ، قوش تىل ئوقۇتۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

  شىنجاڭدىكى كۆپ يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئىككى خىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈنۈملۈك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قوش تىل ئوقۇتۇشى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلۇپ، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈلىدۇ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەستىن، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى تاللىنىلىدۇ، رېئاللىققا، ئەمەلىيەتكە، تەرەققىيات باسقۇچىغا ھۆرمەت قىلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، مۇھىم نۇقتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە قارىتىلىدۇ.

  باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى ماتېرىياللىرى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ

  قوش تىل ئوقۇتۇشى ماتېرىياللىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ‹‹بەشنى تونۇش›› تەربىيەسىدىكى رولى پائال جارى قىلدۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ‹‹بەشنى تونۇش›› ئېڭى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئومۇمىي جەريانى ۋە ھەر قايسى ھالقىسىغا سىڭدۈرۈلىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىك ماتېرىيالى ئوقۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىق تەرجىمە خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ

  تەرجىمە ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى تىرىشىپ ھەل قىلىنىپ، تەرجىمە خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈلىدىغان ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. جەمئىيەت باشقۇرۇش مۇلازىمەت تارماقلىرى بولۇپمۇ دوختۇرخانا، بانكا، بېكەت قاتارلىق مۇلازىمەت تىپىدىكى ئورۇنلار ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ ئامما ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر ئاز سانلىق مىللەت تىل كەسپىگە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش سانىنى كۆپەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى بىلىدىغان زور بىر تۈركۈم خەنزۇ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىدۇ.

  شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ يەرلىك ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

  شىنجاڭدىكى كارخانىلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە دائىر ھەر خىل تۈرلەر، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرگە كېرەكلىك ئەمگەكچىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى يەرلىكتىن قوبۇل قىلىش تەلىپى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يەرلىك ئاز سانلىق مىللەت ئامما ئىش ئورۇنلىرىغا تېخىمۇ كۆپ جەلپ قىلىنىدۇ. كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغا بەلگىلىك ئېتىبار قىلىنىدۇ.

  بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ

  بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى كەمچىل بولۇش، بالىلار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك ھەر مىللەت ئامما ئىنكاس قىلىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلە.

  سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش سالمىقى ھەقىقىي زورايتىلىپ، بالىلار دوختۇرخانىسى ۋە ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلىمى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، بالىلار كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاش سەۋىيەسى كۈچەپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ھازىر بار بالىلار دوختۇرخانىلىرى ياخشى باشقۇرۇلۇپ، سەۋىيە ۋە سۈپەت چىڭ تۇتۇلىدۇ. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرى كەسپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ۋە تەسىس قىلىنىپ، بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەش كۆپ خىل يوللار بىلەن كۈچەيتىلىپ، بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنىڭ تەمىناتى تۆۋەن بولۇش، خەۋپى چوڭ بولۇش قاتارلىق مەسلىلەر ھەر خىل ئاماللار بىلەن ھەل قىلىنىپ، ئىختىساسلىقلار ھەقىقىي جەلپ قىلىنىدۇ ۋە تۇتۇپ قېلىنىدۇ.

  قەشقەر كوزىچى ياربېشى مەھەللىسى ياخشى قوغدىلىدۇ

  قەشقەر كوزىچى ياربېشى مەھەللىسىگە تارىخ، مىللەت، سەنئەت، مەدەنىيەت خاتىرىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇنى چوقۇم ياخشى قوغداش ھەم ئەسلىي ھالىتى بويىچە ساقلاپ قېلىش كېرەك. قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش تەجرىبىسى ئۆرنەك قىلىنىپ، ئەسلىدىكىسىنى بۇزماي تۇرۇپ رېمونت قىلىش، ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تارىخقا، مەدەنىيەتكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھەقىقىي ھىممەتلىك قۇرۇلۇش، ئەل قەلبىدىكى قۇرۇلۇش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش قۇرۇلۇشى قىلىپ پۈتتۈرۈلىدۇ. كوزىچى ياربېشى خارابىلىكىنى قوغداش بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، كونا شەھەر رايونىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.

  ھەر مىللەت سەنئەت ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈلىدۇمىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى يۆلەش، مۇكاپاتلاش، تەقدىرلەش سالمىقى زورايتىلىدۇ. كۆپ خىل شەكىللەر قوللىنىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت سېنارىست، رېژىسسور، دېكراتسىيەچى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تېزلىتىلىدۇ. شىنجاڭدىكى سەنئەت مەكتەپلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت فاكۇلتېتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى كېڭەيتىلىدۇ. ئاساسىي قاتلاملاردىكى مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىر تۈركۈم غوللۇق كادىرلار، مەدەنىيەت قابىللىرى، خەلق سەنئەتكارلىرىنى بايقاش، تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

  مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قوغدىلىدۇ

  ئۇيغۇر ‹‹مۇقامى››، ‹‹مەشرىپى››، قىرغىزلارنىڭ ‹‹ماناس›› داستانى، قازاقلارنىڭ ‹‹ئاقىنلار ئېيتىشىشى››، موڭغۇللارنىڭ ‹‹جاڭغىر›› داستانى قاتارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقى زورايتىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەدەنىيەت مىراسلىرى جىددىي قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغدىلىپ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتى، مۇزىكا، ئۇسسۇل، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى نۇقتىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ ۋە قوغدىلىدۇ. ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىر تۈركۈم ئېسىل مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى يارىتىلىدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقىرىشقا ياردەم بېرىلىدۇ.

  جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچەيتىلىدۇ

  ‹‹جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر›› ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى نەزەرىيەسى، قەدىمكى ئەسەرلەر، ماتېرىياللار، داۋالاش رېتسېپلىرى قاتارلىقلار رەتلىنىدۇ ۋە تەتقىق قىلىنىدۇ، ئەل ئىچىدىكى سىناقتىن ئۆتكەن رېتسېپلار ۋە تېخنىكىلارنى توپلاش، دەلىللەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. مەخسۇس بۆلۈم، مەخسۇس كېسەللىكلەر ئىلمىي باشلامچىلىرى ۋە تېخنىكا تايانچلىرىنى تەربىيەلەش كۈچەيتىلىپ، بىر تۈركۈم باشلامچى ئىختىساسلىقلار ۋە ئوتتۇرا ياش، ياش مۇتەخەسسىسلەر يېتىشتۈرۈلىدۇ. سىناق نۇقتىلىرىدا جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى تەجرىبە سىنىپلىرى ئېچىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەتكە ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلايدىغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرالايدىغان ئىختىساسلىقلار كىچىكىدىن باشلاپ يېتىشتۈرۈلىدۇ.

  كادىرلار ئىستىلى قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇلىدۇ

  كادىرلار ئىستىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايون دىققەتنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنى قاتتىق تۈزىتىپ ۋە تۈزەپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغىنى قىسىپ قېلىش، ئىشلىتىۋېلىش، ئالداپ ئېلىۋېىش، ئىش بېجىرىشتە ئادىل بولماسلىق، دوست – بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش، يېيىش، ئېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش ۋە ئاممىدىن پايدا تالىشىش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان مەسىلىلەرنى پائال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.

  بۇ يىل خىزمەت سالمىقى داۋاملىق زورايتىلىپ، ئىنتىزام، تەربىيەسى يىلى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش چۆرىدىلىپ، ‹‹تۆت خاھىش›› ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسى، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگان كادىرلىرىنىڭ ‹‹قىلىدىغاننى قىلماسلىق›› مەسىلىسى، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش مەسىلىسى بويىچە ‹‹ئۈچنى تەرتىپكە سېلىش›› چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، يېزىلارنى تۇتۇپ، كەنتلەرنى يېتەكلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە ھازىرلىنىدۇ.

  بىڭتۈەننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ

  بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش كۈچەيتىلىپ، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىقلار يەرلىككە ئەڭ زور چەكتە ئېچىۋېتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى رولى ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ

  قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى گەۋدىلىك ۋەزىپە قىلىنىپ، شۇ يەردىكى ئامما شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا پائال جەلپ قىلىنىپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىسى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر