باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈچ شەھەر مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە دېھقان ئىشلەمچى قاتارلىقلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى سىناق نۇقتا شەھىرى قاتارىغا كىردى

2016.03.30 15:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىن غۇلجا شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، خوتەن شەھىرى قاتارلىق ئۈچ شەھەر مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچى قاتارلىقلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىشتە سىناق قىلىدىغان نۇقتىلىق شەھەرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  ئۇقۇشىمچە، مەملىكەت بويىچە سىناق نۇقتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن شەھەر 90 بولۇپ، سىناق نۇقتىلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى سىناق نۇقتا خىزمىتىنى يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈش، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش، يۇرتىغا قايتقانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئىگىلىك تىكلەش رايونلىرىدىكى بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ياخشى ئىگىلىك تىكلەش ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش؛ مۇھىم نۇقتىسى يېزىلاردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئۆزگىچە كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈش، يۇرتىغا قايتقانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تۈرتكە بولۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېڭى يول ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشتىن ئىبارەت ئىكەن. دۆلەت سىناق نۇقتىسى قىلىنغان شەھەرلەرگە سىياسەت، تۈر، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردىن مەدەت بېرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر