باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 21 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

2016.03.30 15:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 28 - مارت چۈشتىن بۇرۇن 21 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ <كۆمۈر قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(تۈزىتىلمە لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىزلاردىكى سولياۋ يوپۇقنى باشقۇرۇش نىزامى(دەسلەپكى لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» قاتارلىقلارغا قاراپ چىقتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى زاكەن قەيسانىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ <كۆمۈر قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(تۈزىتىلمە لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»غا قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ئابدۇرېھىم ئابلىزنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىزلاردىكى سولياۋ يوپۇقنى باشقۇرۇش نىزامى (دەسلەپكى لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»غا قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چىن ۋېينىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ <تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى (دەسلەپكى لايىھە)»، «قاراماي شەھەرلىك، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ يەرلىك نىزام - بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈشنى باشلاش ۋاقتىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى قارار(دەسلەپكى لايىھە)» توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر - كادىرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ دۇڭشېننىڭ «ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدىكى قارار(دەسلەپكى لايىھە)»، «ئارال شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر سانىنى قايتىدىن بېكىتىش توغرىسىدىكى قارار(دەسلەپكى لايىھە)» توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جاڭ شياۋگېننىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق يەرلىك ھۆكۈمەت قەرز چېكى سوممىسى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى(دەسلەپكى لايىھە)»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ لىنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق يەرلىك ھۆكۈمەت قەرز چېكى سوممىسى»نى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى مۇھەممەت ناماننىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى (دەسلەپكى لايىھە)»نى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى پۇ شىيۈنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ «<ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى>نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتى ئەھۋالى دوكلاتى»غا قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما مىڭچېڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، مەنىن زەينىل يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر