باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش 1-مايدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

كەسىپلەردىكى باج سېلىقىنى پەقەت كېمەيتىپ، ئاشۇرماسلىققا قانداق كاپالەتلىك قىلىمىز؟

2016.03.30 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغانغا پەقەتلا بىر ئاي ۋاقىت قالدى، يىلىغا 500 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باجنى كېمەيتىشتىن ئىبارەت بۇ «چوڭ سوۋغات بولىقى» يېقىنلاپ قالدى. ئۇنداقتا، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىر تۈرلۈك باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لايىھە جەھەتتە قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، شۇنداقلا بارلىق كەسىپتىكى باج سېلىقىنى پەقەت كېمەيتىپ، ئاشۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ؟

  قوشۇلما قىممەت بېجى يولغا قويۇلغان كەسىپلەردە تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش زەنجىرى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان تۈرلەر كۆپىيىپ، ياسىمىچىلىق ۋە ئالدىنقى قاراردا نۇقتىدا سىناق قىلىنغان كەسىپلەر يەنىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىدۇ

  تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئېلىپ ئېتساق، «بارلىق كەسىپ» ئاساسلىق ئىككى بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، ياسىمىچىلىق ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن قاتناش-ترانسپورت، پوچتا، تېلېگراف كەسپىي، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشۇلما قىممەت بېجى يولغا قويۇلغان كەسىپلەر؛ ئىككىنچى، بىناكارلىق، ئۆي-زېمىن كەسپىي، پۇل مۇئامىلە كەسپىي، تۇرمۇش مۇلازىمىتى كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پات ئارىدا تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىغان تۆت چوڭ كەسىپ.

  دۆلەت باج باش ئىدارىسى باج ئىلمىي تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى لى ۋەنفۇ: «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش زەنجىرى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلغان نۇرغۇن باج تاپشۇرغۇچى، شۇنداقلا ياسىمىچىلىق قاتارلىق قوشۇلما قىممەت بېجى باج تاپشۇرغۇچىلىرىدا باج سېلىقى تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ. ياسىمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا زاۋۇت، ئىسكىلات بولۇشى كېرەك، كارخانىلارنى قۇرۇش ياكى ئىجارىگە ئېلىشتىن قەتئىينەزەر ھەممىسىگە نۇرغۇن خىراجەت كېتىدۇ. تۆت چوڭ كەسىپ ۋە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كۆچمەس مۈلۈكنى بىر قېتىمدىلا نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزگەندە، ئەمەلىي گەۋدىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمى يىنىكلەيدۇ، بۇ ياسىمىچىلىقنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

  شاڭخەي مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، جامائەت سىياسىتى ۋە تىزگىنلەش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى خۇ يىجيەن: «بارلىق كەسىپلەردە باج سېلىقىنىڭ پەقەت كېمىيىپ، ئاشماسلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش ھەم مۇھىم نۇقتا، ھەم قىيىن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ، ئىسلاھات لايىھەسىدە بۇنىڭغا خېلى كۈچ چىقىرىلدى. بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، لايىھەدە باج تۈزۈمى لايىھەسى تولۇق ئويلىشىلىپلا قالماستىن، يەنە ئىلگىرىكى تىجارەت بېجىدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى داۋاملىق ساقلىنىپ قېلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق يۈرۈشلۈك تەدبىرلەر چىقىرىلدى» دېدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر