باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانى، چارۋىچىلىق فېرمىلىرىدا 16مىڭ 200 يۈرۈش خەتەرلىك ئۆي ئۆزگەرتىلىدۇ

2016.03.30 15:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016 – يىللىق دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانى، چارۋىچىلىق فېرمىلىرىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما پىلانىنى بېكىتتى. بۇ پىلانغا ئاساسەن دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانى، چارۋىچىلىق فېرمىلىرىدىكى 16 مىڭ 220 ئائىلىنىڭ ئۆيى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تۈرىگە يوللىنىدۇ، پىلاندىكى سېلىنما 282 مىليون 228 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما 165 مىليون 444 مىڭ يۈەن. بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانى، چارۋىچىلىق فېرمىلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر – بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر