باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ سۈپەت مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنىدا مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سۈپەت چوققىسىغا يامىشىپ، يۈكسەكلىككە ئىنتىلىش، سۈپەتكە ھۆرمەت قىلىشنى پۈتكۈل جەمئىيەت ۋە مىللەتنىڭ قىممەت يۆنىلىشى ۋە دەۋر روھىغا ئايلاندۇرايلى

2016.03.30 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو سۈپەت مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى 29-مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم كۆرسەتمە بەردى. كۆرسەتمىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو سۈپەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تەشكىل ۋە شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. سۈپەت تەرەققىياتى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى، ئىگىلىك تىكلەش ئاساسى ۋە تىپ ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم ھالقا. جايلار، تارماقلار سۈپەت ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقۇ قىلىپ، يېڭى ئىقتىسادنى تېز راۋاجلاندۇرۇش، غايەت زور يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈش، ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك قوللاش بىلەن تەمىنلىشى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپەت ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت جەھەتتىكى ھەر خىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىك بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك. ساھەلەر، كەسىپلەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەشكىل ۋە شەخسلەردىن ئۆگىنىپ، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سۈپەت چوققىسىغا يامىشىپ، يەنىمۇ كۆپ ئىستېمالچىلار رازى بولىدىغان داڭلىق ماركىلارنى يارىتىپ، يۈكسەكلىككە ئىنتىلىش، سۈپەتكە ھۆرمەت قىلىشنى پۈتكۈل جەمئىيەت ۋە مىللەتنىڭ قىممەت يۆنىلىشى ۋە دەۋر روھىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بارپا قىلىشقا يەنىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشايلى! (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر