خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: توقسۇن ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن: سىدىق مىجىت، رەھىمە ئادىل خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان بىر يۈرۈش گىرىم بۇيۇمىنى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاش، پاكىز ناھىيە بەرپا قىلىشقا ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان 100 ھەر مىللەت مۇھىت ئاسراش ئىشچىسىغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى.
سۈرەتتە: ھال سوراش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى