باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇغداي ئۆستۈرۈش مۇتەخەسسىسى ۋاڭ خۇينىڭ ئىش-ئىزلىرى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2016.01.13 10:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غەربىي شىمال دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇغداي ئۆستۈرۈش مۇتەخەسسىسى ۋاڭ خۇي 43 يىل باشتىن-ئاخىر يەرنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، ياڭلىڭ شەھىرىدە يىلتىز تارتىپ، 100 مىليون موغا يېقىن يەردە «شىنۇڭ 979» قاتارلىق بۇغداي ئەلا سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. يېقىندا تاراتقۇلار ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. نۇرغۇن كادىرلار، ئامما ۋە ئالىملار: ۋاڭ خۇي ئاساسىي قاتلامدا قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق ياراتتى، مانا بۇ دەۋر چاقىرىق قىلىۋاتقان قىممەتلىك پەزىلەت، دەپ قارىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋاڭ خۇي ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان غەربىي شىمال دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، پىكىر ئالماشتۇرۇپ سىردىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يېنىدىكى بۇ «دەۋر ئاۋانگارتى» ھەققىدە قىزغىن مۇھاكىمە يۈرگۈزدى. غەربىي شىمال دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېزا ئىگىلىك ئىلمىي ئىنىستىتونىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەي جياڭبو ۋاڭ خۇينىڭ ئوقۇغۇچىسى، خەي جياڭبو ۋاڭ خۇينىڭ نۇرغۇن ئىش-ئىزلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىك خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق دېدى: ۋاڭ خۇينى ئۈلگە قىلىپ، كەسپىمىزگە سادىق بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر