باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈندىدار ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشنى ئەرز قىلىش سىستېمىسىنى سەرخىللاشتۇرىدۇ

2016.01.12 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:« 2015 – يىللىق ئۈندىدار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئاق تاشلىق كىتاب» 11 -يانۋار ئېلان قىلىندى، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈندىدار سۇپىسىدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىشلىق ئەرز داۋاملىق كۆپەيمەكتە. 2014-يىلى 4-پەسىلدىن 2015-يىلى 3-پەسىلغىچە، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ۋە شەخسلەر نومۇرىغا قارىتار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىشلىق ئەرز 13 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. تېڭشۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش ئېلېكتىرونلاشتۇرۇلغان ئەرزىيەت سىستېمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، داۋاملىق ئىجادىي مەزمۇنلارنى قوغداشنى كۈچەيتىمىز.

  شۇ كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن« ئۈندىدار كېچىسى» كاتتا مۇراسىم كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە، خەلق گېزىتى قاتارلىق 36 تاراتقۇنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋىي نۇمۇرى 2015 – يىللىق ئۈندىدار يىللىق مۇنەۋۋەر تاراتقۇرلىرى ئاممىۋىي نۇمۇر بولۇپ باھالاندى.2015-يىلى 3-پەسلى ئاخىرىغىچە، ئۈندىدار ئايلىق ئادەم سانى 650 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىدىكى ماقالىلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ئوقۇلۇش قېتىم سانى 3 مىلياردتىن ئاشقان، ئېقىم مىقدارى پايدىسى 1 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر