باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرەيلى

2015.10.26 09:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 22-23-ئۆكتەبىر شەندۇڭدا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلى بىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى بېكىتىدىغان ۋاقتىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ئەڭ جاپالىق ۋەزىپە يېزىلاردا، بولۇپمۇ نامرات رايونلاردا دەپ تەكىتلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ۋاقىتنى ياخشى ئىگىلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تىرىشىپ تولۇقلاپ، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلدىكى نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ نامرات نوپۇسنىڭ 2020-يىلغىچە ئۆز مۇددىتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 13-بەش يىللىق پىلاندا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھەقىقىي كۈچەيتىلىدۇ. نامراتلارنى دەل يۆلەش ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، يۆلەش ئوبيېكتى، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، مەبلەغ ئىشلىتىش، تەدبىرلەرنىڭ ھەر بىر ئائىلىدە ئەمەلىيلىشىشى، كەنتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ 1- شۇجىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمىنىڭ توغرا دەل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ياخشى باشقۇرۇپ ياخشى ئىشلىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش نامراتلارنى قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى دەل جايىدا ئىشلىتىپ، ئەڭ نامرات رايونلار ۋە ئاممىغا مەركەزلىك ئىشلىتىپ، ئەڭ جىددىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى يالغاندىن بېكىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر