باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي تەپتىش سوتقا چىقىپ ئەيىبلەشنى كۈچەيتىدۇ

2015.07.06 11:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سوتقا چىقىپ ئەيىبلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكرى» تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىدىن سوتقا چىقىپ ئەيىبلەشنى كۈچەيتىشنى ئەيىبلەش خىزمىتىنىڭ باشلامچىسى قىلىپ، سوتتا قاراپ چىقىشنىڭ پاكىتنى ئېنىقلاش، ئىسپاتنى دەلىللەش، دەۋا ھوقۇقىنى قوغداش، ئادىل سوتلاشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىغا كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ، سوتتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سوتنىڭ ئۆزىدە جىنايىتىنى ئەيىبلەپ ۋە ئىسپاتلاپ، سوتقا چىقىپ ئەيىبلەشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى. پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: سوتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ ئۆزىنى جىنايەتسىز دەپ ئاقلىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنسىز ئىسپاتلارنى قەتئىي يوققا چىقىرىپ، كەمتۈك ئىسپاتلارنى ۋاقتىدا تولۇقلاش كېرەك. سوتتىن بۇرۇنقى يىغىندا تالاش-تارتىشنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئاقلىغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان قانۇنسىز ئىسپاتلارنى يوققا چىقىرىش پىكرىگە ئەھمىيەت بېرىش؛ ئاقلىغۇچى ئادۋوكات ئوتتۇرىغا قويغان كەسپىي ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچراش ئەھۋالىنى پائال تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ھەم تۈزىتىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر