باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى يەر تەۋرىگەن رايوندا ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ يارىلانغانلارنى داۋالىدى

2015.07.06 16:02   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

«ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى يەر تەۋرىگەن رايوندا ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ يارىلانغانلارنى داۋالىدى

  «بىز داۋالاش، سەھىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىمىز، شۇڭا، مەيلى قەيەردە ئاپەت ئەھۋالى كۆرۈلسۇن، بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مۇقەددەس بۇرچىمىز ... » دېدى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى فېڭ دۇڭ 5-ئىيۇل خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا.

  گۇما ناھىيەسىدە 3-ئىيۇل يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، بۇ ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر قايسى كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇردى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش - ئاپەتتىن قۇتقۇۇزش خىزمىتىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە بەش خىزمەت گۇرۇپپىسى بار، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىش بىلەن بۇ خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئاھالىلەر ۋە ئۆيلەرنىڭ ئاپەت ئەھۋالىغا ئۇچراش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ھەر قايسى كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئايرىم-ئايرىم يىغىنى ئېچىپ، گۇرۇپپىلاردىكى دوختۇرلارنىڭ دەرھال ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان پىشنا يېزىسىغا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتە، 17 دوختۇردىن تەشكىللەنگەن داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى پىشنا يېزىسىغا يېتىپ كېلىپ بازارلىق شىپاخانىدا داۋالاش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. بۇ يەردىكى بىمارلارنىڭ ئەھۋالى تۇراقلاشقاندىن كېيىن، داۋالاش - قۇتقۇزۇش ئەترىتى گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، تەكشۈرۈش، داۋالاش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.

  پىشنا يېزا بۇلاقبېشى كەنتىدىكى يۈسۈپ ئابدۇقادىر بازارلىق شىپاخانىدا يارىلانغان بىلىكىنى تاڭدۇردى ۋە:«ھېلىمۇ ياخشى بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى بار ئىكەنتۇق، بىلىكىم يارىلانغاندىن كېيىن دەرھال تېڭىشقا پۇرسەت بولدى، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدىن باشقا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانسىدىن 37 نەپەر دوختۇرنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئەۋەتتى، بۇ دوختۇرلار خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى دوختۇرلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

  خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شېن يى مۇنداق دېدى: گۇما ناھىيەسىگە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بويىچە چۈشكەن 156 خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋامىدا تەشكىللەش كۈچى زور، خىزمەت ئىقتىدارى يۇقىرى، تەجرىبە-ساۋاقلىرى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يارىدارلارنى ئاكتىپ قۇتقۇزۇپ، ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئاپەت زىيىنىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەر ساھە ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى