باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جونكېر: ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسى گىرېتسىيەنىڭ سۆھبەت فىشكىسىنى كۆپەيتەلمەيدۇ

2015.07.06 13:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جونكېر 3-ئىيۇل لۇكسىمبوركتا مۇنداق دېدى: ناۋادا 5-ئىيۇل گىرېتسىيەنىڭ ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىدە قەرز ئىگىلىرىنىڭ كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىش رەت قىلىنسا، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنى كەلگۈسىدىكى سۆھبەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك ئەمەس بەلكى تېخىمۇ ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گىرېتسىيەنىڭ ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىدە كىشىلم قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ بىز يەنىلا زور جاپالىق سۆھبەتكە دۇچ كېلىمىز. ياۋرو رايونى گۇرۇھى 1-ئىيۇل مۇنۇلارنى قارار قىلدى: ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسى چىقىشتىن بۇرۇن مەيلى ياۋرو گۇرۇھى قاتلىمى بولسۇن ياكى گىرېتسىيە بىلەن قەرز ئىگىلىرى ئارىسىدا بولسۇن ئالاقىدار سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. جونكېر شۇ كۈنى سۆھبەتنىڭ قاچان قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىغا جاۋاب بەرمىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر