باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سىنگاپور زۇڭتۇڭى چېن چىڭيەن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.07.06 11:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئىيۇل خەلق سارىيىدا سىنگاپور زۇڭتۇڭى چېن چىڭيەن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان جۇڭگو بىلەن سىنگاپور مۇناسىۋىتى سەكرەش تىپىدا تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو سىنگاپورنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، سىنگاپور جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش مەنبەسى بولۇپ قالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك . ئىقتىساد - سودا ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى لازىم، جۇڭگو جۇڭگو- سىنگاپور ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى خالايدۇ . ئىككى تەرەپ جۇڭگو سىنگاپور سۇجۇ سانائەت رايونى ۋە جۇڭگو سىنگاپور تيەنجىن ئېكولوگىيە شەھەرچىسى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق مەدەت بېرىشى كېرەك. جۇڭگو ئوخشاشلا ئىككى دۆلەتنىڭ جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى ھۆكۈمەتلەر ئارا يېڭى تۈرلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ ، ئۇنىڭ « بىر بەلباغ بىر يول» ، جۇڭگونىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشى ۋە « چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك نۇقتىلىق تۈر بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش كېرەك .

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولى ۋە ئىناق قوشنىدارچىلىق ، دوستلۇق سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ . كېلەر يىلى جۇڭگو- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. جۇڭگو سىنگاپورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تۈرلۈك ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، فۇكىسنى ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا توغرىلاپ ، جۇڭگو – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو يەنە سىنگاپور ۋە ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ ، تىرىشىپ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، ئورتاق پايدا ئېلىش ، كەسپىي ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش - مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، رايونلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىمۇ خالايدۇ .

  چېن چىڭيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى : يېڭى ۋەزىيەتتە ، ئىككى تەرەپ سىنگاپور - جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىنگاپور بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجلىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشسە بولىدۇ. سىنگاپور جۇڭگو بىلەن خەلق ئاۋىياتسىيەسى ،مال تىرانسپورتى، ئەشيا ئوبوروتى ، پۇل مۇئامىلە ، يۇقىرى پەن - تېخنىكا ، مائارىپ ، ئادىمىيەت ، بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ . جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان « بىر بەلباغ بىر يول » ۋە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇش تەشەببۇسى ئىنتايىن مۇھىم ، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن پايدا ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. سىنگاپور ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال . بۇ رامكىدىكى ئالاقىدار ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ .

  سۆھبەتتىن كېيىن ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا شاھىد بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر