باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىىنىڭ 7- قېتىملىق ئۇچرىشىشى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى 15- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تۇنۇشتۇردى

2015.07.07 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىسىتىرلىقى 6- ئىيۇل جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېڭ گوپىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە ئۇفا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 7- قېتىملىق ئۇچرىشىشى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى 15- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تۇنۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  چېڭ گوپىڭ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 7- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىنى يېتەكچى، خەۋپسىزلىك ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر يىغىنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى قاتارلىق مىنىستىر دەرىجىلىك يىغىنلارنى تايانچ قىلىپ، كەڭ ساھەدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدىغان كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈردى. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ھەمكارلىق ئاساسى داۋاملىق زورىيىپ، ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، زور خەلقئارا ئىشلاردا ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، دۇنيا ئىقتىسادىي ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى دېمۇكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر