باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي سوت بىر بەلباغ، بىر يولنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش پىكرى چىقاردى

2015.07.08 16:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئەدلىيە مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكرى» تۈنۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى. پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىدا، سوتلاش فۇنكسىيەسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ چەتئەلگە چېتىشلىق جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، سودا، دېڭىزچىلىق، دېڭىز سودىسى، خەلقئارا سودا، دېڭىزچىلىققا ئالاقىدار كېسىملەرنى ئەدلىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈش ۋە ئەركىن سودا رايونىغا ئالاقىدار دېلولارنى تەكشۈرۈش جەھەتتىكى ئەدلىيە ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا پۇختا، كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەردە ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىش تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر ئېلىمىز بىلەن ئەدلىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىمىغان ئەھۋالدا، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە، ئالاقىدار دۆلەتتىكى دەۋاگەرلەرگە ئەدلىيە ياردىمى بېرىشنى ئالدىن سىناق قىلىپ، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا ئەدلىيە ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا ئەدلىيە ھەمكارلىقىغا ئاكتىپ قاتنىشىشتەك چوڭ دۆلەتلىك سالاپىتىنى نامايان قىلسا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر