باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئىككى يىل ئىچىدە 40 مىڭ خادىم قىسقارتىدۇ

2015.07.09 17:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 7-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، 2017-يىلى 9-ئايغىچە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 40 مىڭ ئەسكەرنى قىسقارتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئەسكەر سانى 450 مىڭگە چۈشۈرۈلىدىكەن.

  ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئەسكەر قىسقارتىشنىڭ تەپسىلاتىنى رەسمىي ئېلان قىلىشنى پىلانلىغان. «بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتى»نىڭ ئالدىن ئېرىشكەن ئەسكەر قىسقارتىش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئەسكەر قىسقارتىش دائىرىسى دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەلدە تۇرۇشلۇق قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە 17 مىڭ نەپەر مەمۇرىي خادىم ئازايتىلىدىكەن.

  ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئاففانىستان ئۇرۇشىنىڭ ئاياقلىشىشىغا ئاز قالغاندا، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىڭ ئومۇمىي ئەسكەر سانى 2012-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان 570 مىڭ كىشىدىن ھازىرقى 490 مىڭ كىشىگە ئازايغان، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەر سانى تەخمىنەن 310 مىڭ نەپەر، دېڭىز ئارمىيەسىدە تەخمىنەن 320 مىڭ نەپەر، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدا 180 مىڭ ئەسكەر بار ئىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر