باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

3- دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا ئامبولاتورىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مۇۋاپىقمۇ ؟

2015.07.10 10:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ10 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا شاڭخەي شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئاچقان« ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» تېمىسىدىكى كېڭەش يىغىنىدا تارقالغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە: كەلگۈسىدە، شاڭخەيدىكى 3- دەرىجىلىك دوختۇرخانا ۋە مەخسۇس دوختۇرخانىلاردا ئامبۇلاتورىيە تەسىس قىلىنمايدىكەن، پەقەت مۇرەككەپ، داۋالاش تەس كېسەللىكلەر ۋە بالنىستا يىتىپ داۋالىنىدىغان بىمارلارنى قوبۇل قىلىدىكەن. گەرچە كونكرېت ۋاقىت جەدۋىلى ۋە كونكرېت لايىھە يوق بولسىمۇ بۇ خەۋەر يەنىلا سەھىيە ساھەسىدە زور ئىنكاس قوزغىدى.

  بەزىلەرنىڭ قارشىچە« 3- دەرىجىلىك دوختۇرخانىدا ئامبۇلاتورىيە تەسىس قىلىنماي ، مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس كېسەللىكلەرنى داۋالىغاندا، خۇسۇسىي ئامبۇلاتورىيەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىكەن.

  كانادادا ئاممىۋى سەھىيە ئىلمىنى ئۆگىنىۋاتقان بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى چېن دوختۇر مۇنۇلارنى بىلدۈردى : شاڭخەينىڭ بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشى روشەنكى چەت ئەلنىڭ داۋالىنىش تۈزۈمىنى ئۆگەنمەكچى. كانادادا دوختۇر ئاغرىپ قالغان تەقدىردىمۇ بىۋاسىتە چوڭ دوختۇرخانىلارغا بىرىپ كۆرۈنمەستىن ئالدى بىلەن ئائىلە دوختۇرىغا كۆرنىدۇ . ھالبۇكى بەزى قاراشلاردا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كەلگۈسىدە باشقا جايدىن كەلگەن بىمارلار بىۋاسىتە چوڭ دوختۇرخانىلاردا نومۇر ئالسا بولمايدۇ. مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس كېسەللىكلەرگە بىمارنىڭ ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمى تەسىس قىلىش كېرەك. شاڭخەينىڭ يەرلىك كىشىلىرىگە نىسپەتەن يۆتكىلپ داۋالالىنىش تىخىمۇ قاتىىق تۈزۈم بىلەن ئىلىپ بېرىلىدىكەن. پەقەت مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس كېسەلىكلەر ، دىئاگنوز قويۇش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، داۋالاش ۋە تەجرىبە خاراكتېرلىك دىئاگنوز قويۇش قاتارلىقلارغا ئۇيغۇن بىمارلار3A دەرجىلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانسا بولىدىكەن.

  نۆۋەتتە گۇاڭجۇنىڭ ئەھۋالدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، 3- دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ ئامبولاتورىيىسى كېسەل بىلەن لىق تولغان. بۇ خىل ئەھۋال 2 - دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. گەرچە يېڭى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى ئاستىدا مەھەللە شىپاخانىلىرىدا كېسەل كۆرسىتىدىغانلار سانى بىر ئاز ئاشسىمۇ لېكىن چوڭ دوختۇرخانىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا پەرق بار . داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنى دەسلەپكى دىئاگونوزنى مەھەللە شىپاخانىسىغا بېرىپ قويدۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆرۈنەرلىك بولمىغان. شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ ئادەتتىكى ئامبولاتۇرىيە كەسپىنى بىۋاسىتە قۇرۇلما جەھەتتىن چىقىرىۋىتىش جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا، ئامبولاتۇرىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، زور بىر تۈركۈم ئېشىنچا ئامبولاتۇرىيە دوختۇرلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلار دۇچ كىلدىغان بىر چوڭ مەسىلە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلار « قىسقارتىلغان » تەننەرخنى قاتتىق كونترول قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇقراۋى داۋالاش بازىرىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ . پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىپ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈچ ۋە ئىقتىسساد چىقىرىپ چوڭ دوختۇرخانىلار بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندا، پۇقراۋى ئاساسىي داۋالاش ساھەسى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقى ھازىرلىنىدۇ.

  لېكىن 3- دەرىجىلىك دوختۇرخانا پەقەت مەخسۇس كېسەللىكلەر ۋە مۇرەككەپ، داۋالاش تەس كېسەل بۆلۈمىنىلا ساقلاپ قىلىپ ، باشقا ئامبولاتۇرىيەلەرنى ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىغا قوشۇۋېتىش نۇرغۇن كەسىپتىكى زاتلارنىڭ نەزىرىدە « ئورۇنلاش مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپە دەپ قارالماقتا » .

  گەرچە قارىماققا « 3- دەرىجىلىك دوختۇرخانا ئامبولاتۇرىيەلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش » پىكىرى ئاز - تولا «قاپ يۈرەكلەرچە »ئوي-خىيال بولسىمۇ ، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئويلىغاندا ، دەرىجىگە بۆلۈپ داۋالاش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتمۇقات توسالغۇلارغا ئۇچىراۋاتقان، ئۈنۈمى كۆرۈلمەيۋاتقان شارائىتتا، بۇمۇ بىر خىل ئامال-چارە ئەلۋەتتە. مەسىلە بىمار سانىنىڭ كۆپلىكىدە ئەمەس بەلكى يەنىلا ئاساسىي قاتلام سەھىيە سېستىمىسىنىڭ سەپلىنىشدە. شۇڭا ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ تىرىشقاندىلا ئاندىن يۇقارقى غايىلەر ئەمەلگە ئاشىدۇ.(مەلىكەم)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر