باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاففانىستان ھۆكۈمېتى بىلەن تالىبان ۋەكىللىرى تۇنجى قېتىم پاكېستاندا ئاشكارا سۆھبەتلەشتى

2015.07.09 17:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئاففانىستان ھۆكۈمىتى ۋە تالىبان ۋەكىللىرى 8-ئىيۇل پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا سۆھبەت ئۆتكۈزدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا يۈزمۇ يۈز ئۆتكۈزگەن رەسمىي سۆھبىتى ھېسابلىنىدۇ.

  پاكېستان ھۆكۈمېتىدىكى خەۋەردار كىشىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە پاكېستان ھۆكۈمېتى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئورنى پاكېستان ئىسلامئاباد ئەتراپىدىكى بىر ساياھەت رايونىدا ئىكەن. تۇنجى ئايلانما سۆھبەت 7-ئىيۇل يېرىم كېچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سەل ئارام ئالغاندىن كېيىن ئىككىنچى ئايلانما سۆھبەت ئۆتكۈزۈل پىلانلانغان.

  8-ئىيۇل كەچتە پاكېستان دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بىر باياناتتا ئاففانىستان ھۆكۈمېتى ۋە تالىباننىڭ بىر كۈنلۈك تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ رامىزاندىن كېيىن يەنە سۆھبەتلىشىدىغانلىقى ئېيتىلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر