باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چوڭ شەھەردە ئۆگەنگەن ھۆنەر ئۆمەرجانغا ئەسقاتتى

2015.07.10 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ10 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋەر قىلىدۇ : كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقاتام يېزا توققۇزتوما كەنىت 2- گۇرۇپپىسىدىكى 25 ياشلىق دېھقان ئۆمەرجان نىياز 2013- يىلى 5- ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرىگە ئشلەمچىلىككە بېرىپ، بۇ شەھەردىكى مەلۇم پول سۈرۈتكۈچ زاۋۇتىدا بىر يىل ئىشلەش جەرىيانىدا ئۇ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ تۇرمۇشىنى ياخشىلىسا يەنە بىرتەرەپتىن پول سۈرۈتكۈچ ياساش ، ماتىريال كىرگۈزۈش ، پىشىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىپ چىقىرىش قاتارلىق ھالقىلارنى پۇختا ئىگىلىدى. 2014 يىلى 3- ئايدا يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 20 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسز مەبلەغ يادەم بېرىشى ۋە ئۆزىنىڭ 80 مىڭ يۈەن مەبلەغ غەملىشى بىلەن ئۆز مەھەلىسىدە « ئىشەنچ پول سۈرۈتكۈچ ياساش ۋە توپ تارقىتىش » زاۋۇتى قۇرۇپ، بازارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ھەر تۈرلۈك سۈپەتلىك پول سۈرۈتكۈچلەرنى ئىشلەپچىقىرىرىپ ، كۇچا ناھىيەسى ۋە قوشنا ناھىيەلەردىكى تاللا بازارلىرى ، بىر قىسىم ئىدارىلەرگە توپ تارقىتىش كەسپىنى يولغا قۇيۇپ، بۇ كەسىپتىن ياخشى ئىقتىسادىي مەنپئەتكە ئىرىشتى .

  ئۆمەرجان نىياز بىر يىلدىن ئارتۇغاراق ۋاقىتتىن بۇيان 50 مىڭ دانىدىن ئارتۇق پول سۈرۈتكۈچ ياساپ ۋە توپ سېتىپ 130 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ پايدا يارىتىپ، چوڭ شەھەردە ئۆگەنگەن ھۆنۈرىنىڭ پايدىسىنى كۆردى. ئۇ بىر يىلدىن كۆپەرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۆز مەھەلىسىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىن 16 نەپەر كىشىنى زاۋۇتقا 1800 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە ئىش ھەققىي بېرىپ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارغا چىقىش يولى تېپىپ بېرىپ ، يېزا رەھبەرلىرنىڭ مۇيەنلەشتۈرۈشىگە ، كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممسىنىڭ ئالقشىغا سازاۋەر بولدى . .

   تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر