خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ10 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇ جاي ۋاقتى 9-ئىيۇل خەۋىرى، ئەنگلىيە خان جەمەتى 9-ئىيۇل، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كىچىك مەلىكە شارلوتقا چوقۇندۇرۇپ ئات قويۇش مۇراسىمىدا تارتىلغان خان جەمەتىدىكى ئاساسلىق ئەزالارنىڭ بىللە چۈشكەن ئەڭ يېڭى سۈرىتىنى ئېلان قىلدى. ئەنگلىيە خانلىق ئورنىنىڭ ئىككىنچى ئورۇندىكى ۋارىسى شاھزادە ۋىليام بىلەن خانىش كەيتنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتى مەلىكە شارلوت يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن چوقۇندۇرۇش مۇراسىمىدا شاھزادە ۋىليامنىڭ ئانىسى دەيئاناغا خانىشقا ئېھتىرام بىلدۈردى. ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان رەسمىي سۈرەتتىن باشقا، ئەنگىلىيە خەلق ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ خان جەمەتى ئائىلىسى تۇنجى پارچە بىر ئائىلىدىكى تۆت جان بىللە چۈشكەن سۈرەتنى ئېلان قىلدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى