باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھەر ئايدا تىپىك دېلولارنى مەركەزلەشتۈرۈپ پاش قىلىدۇ

2015.07.10 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە 9-ئىيۇل كەچتە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «تۆت ناتوغرا ئىستىل» ۋە چىرىكلىككە ئائىت 131 مەسىلە ئېلان قىلىندى، بۇ تىپىك دېلولار 26 ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە يۈز بەرگەن، ئاساسلىقى پارا ئېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، ئۆز ئالدىغا «كىچىك خەزىنە» قۇرۇش، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، قائىدىگە خىلاپ ياردەم-تولۇقلىما پۇلى پاراۋانلىقى تارقىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي-تۆكۈن، زىياپەتلەرنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش، قالايمىقان ھەق ئېلىش، ئاممىغا قەستەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، پارا بېرىپ سايلىنىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ، بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسى ئىسمىنى ئاتاپ مەلۇم قىلىندى ھەمدە ئاشكارىلاندى.

  ئاشكارىلىنىشچە، بۇنىڭدىن كېيىن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ھەر ئايدا ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «تۆت ناتوغرا ئىستىل» مەسىلىسى ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك ئىسىمى ئاتاپ مەلۇم قىلىدىكەن ۋە پاش قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ھەر يىلى چاغان، ماي بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق چوڭ بايراملاردا مەخسۇس ئىستون ئېچىلىپ، ئۇدا بىرنەچچە ھەپتە بىر تۈركۈم «تۆت ناتوغرا ئىستىل»غا ئائىت تىپىك دېلولار پاش قىلىندى. 18-ئىيۇن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە ئابونت ئۇچى توپلاش ئۈچۈن «تۆت ناتوغرا ئىستىل»نى بىر كونۇپكا بىلەنلا پاش قىلىش كۆزنىكى ئاچتى، ئەتىسى يەنە تور بېكىتىدە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «تۆت ناتوغرا ئىستىل» ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش مەخسۇس سەھىپىسى ئېچىلدى ھەمدە تور بېكىتىدە تىپىك دېلولار قەرەللىك مەلۇم قىلىنىدۇ، دېيىلدى. بۇ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بۇرۇنقى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىلا ئاندىن مەلۇم قىلىش پاش قىلىشنىڭ كۈندىلىك دەۋرىيلىك مەلۇم قىلىشقا ئۆزگەرتىلگەنلىكى، پاش قىلىش چاستوتىسى ۋە سالمىقىنىڭ زورايغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ مەركەزنىڭ «تۆت ناتوغرا ئىستىل»غا قارشى تۇرۇشنى بوشاشتۇرماسلىق ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر