خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ10 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى: ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ كورلا شەھىرى يېڭىشەر يېزىغا چۈشكەن مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش خىزمەت ئەتىرىتىنىڭ يېقىندىن ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ئوبلاستلىق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى 2015-يىل 7-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېڭىشەر يېزا چىلانباغ ئاھالىلار كومتېتى تەۋەلىكىدە ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
بۇ قېتىمقى ھەقسىز كېسەل كۆرۈش- دىئاگنۇز قويۇش،دورا بېرىش،تىببىي مەسلىھەت بېرىشنىڭ بارلىق جەريانلىرىنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق تىببىي مەكتەپنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، تىببىي ساھەدە تەجربىسى مول، پېشقەدەم مۇتەخەسىسس خەدىچە خانىم ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ،كېسەل كۆرۈش دائىرىسى، ئىچكى كېسەللىكلەر، تاشقى كېسەللىكلەر، ئاياللار كېسەللىكلىرى بويىچە دىئاگنۇز قويۇش، مەسلىھەت بېرىش، رىسىپ يېزىش، دورا بېرىشتىن ئىبارەت جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىگە 500 دىن ئارتۇق ياش، ئوتتۇرا ياش، ۋە ياشانغان ئەر-ئاياللار قاتناشتى.
پائالىيەت جەريانىدا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ كورلا شەھىرى يېڭىشەر يېزىغا چۈشكەن مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش خىزمەت ئەتىرىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بۇ قېتىمقى ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزىدىغان خاسىيەتلىك، ئەھمىيىتى زور بولغان بىر قېتىملىق پائالىيەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، پائالىيەتكە قاتناشقان ئاممىمۇ بۇ پائالىيەتتىن چوڭقۇر مىننەتدار بولغانلىرىنى ھاياجان ئىچىدە بىلدۈرۈشتى.
سۈرەتتە: ھەقسىز كېسەل كۆرۈش، مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى