17-ئىيۇل سائەت 10دىن 22-ئىيۇل سائەت 18غىچە توردا تىزىملىتىدۇ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ10 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئورۇنلار جەمئىيەتتىن ئاشكارا خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتى 8-ئىيۇل باشلاندى، 71 كەسپىي ئورۇن جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا 700نەپەردىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلماقچى. توردا تىزىملىتىش خىزمىتى 17-ئىيۇل سائەت10دا باشلىنىپ، 22-ئىيۇل سائەت 18 دە ئاخىرلىشىدۇ.
8 - ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئادەم كۈچى بايلىقىنى پىلانلاش ۋە تەرەققىيات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى خادىم تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنى تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ، 9-ئىيۇل سائەت 12دە «قىزىلتاغ تورى(http://www.hongshannet.cn) قاتارلىق ئۈچ چوڭ تور بېكىتىدە « 2015 - يىللىق ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئورۇنلار خىزمەتچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى» ۋە «2015-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرى كەسپىي ئورۇنلارغا خادىم تەكلىپ قىلىش خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش ئورنى جەدۋىلى»نى ئېلان قىلدى. ئىمتىھان ئۇنىۋېرسال پەن ئىمتىھانى،كەسپىي پەن ئىمتىھانى ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا ئايرىلىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى