باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىغا بىۋاستە قوماندانلىق قىلىپ ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇردى

2015.07.10 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ10 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام ھەسەنلەر خەۋەر قىلىدۇ : كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2015-يىلى بىر مىليارت 691 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلاپ، تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى، ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سەھىيە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش ۋە نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق 10 چوڭ تۈر، 40 كىچىك تۈرگە چېتىلىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان ئىدى ، شۈجى ، ھاكىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرى بىۋاستە قوماندانلىق قىلىپ، ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  كۇچا ناھىيەلىك پارتىكۇمنىڭ شۈجىسى ۋە ناھىيەنىڭ ھاكىمى ئۆزلىرى بىۋاستە قول تىقىپ .ىشلەپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەر بىر ئىش ھالقىلىرىغا بولغان نازارەتچىلىك، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئىش مەيدانلىرىغا چۇڭقۇر چۈكۈپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ۋاقتىدا ھەل قىلدى. بىر تۈر ياكى بىرقانچە تۈرگە بىر مۇئاۋېن رەھبەرنى مەسئۇل قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى. مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرلەش، سۈپەت ئەھۋالى ۋە مەسىلە، تەكلىپلەرنى ئىگىللەپ تۇردى ھەم قۇرۇلۇش ئەھۋالىدىن قەرەللىك ئاخبارات قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. نەتىجىدە ئالدىنقى يېرىم يىلدا 14 كىچىك تۈر قۇرۇلۇشىدا ئومۇمىيۈزلىك ئىش باشلىنىپ، ئىش باشلىنىش نىسبىتى %55 كە، سېلىنغان مەبلەغ 112 مىليۇن يۈەنگە، تاماملانغان تۈر ئۈچكە يىتىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر