باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ سىنگاپور زۇڭتۇڭى چېن چىڭيەن بىلەن كۆرۈشتى

2015.07.06 11:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 3 – ئىيۇل خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن سىنگاپور زۇڭتۇڭى چېن چىڭيەن بىلەن كۆرۈشتى . لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : جۇڭگو ئىقتىسادى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى ، بولۇپمۇ 5 ، 6 - ئايدىن بۇيان ، ئېشىش سۈرئىتى يۇقىرىلاش ، قۇرۇلمىسى ياخشى بولۇش ، زاپاس كۈچى ئېشىشنى ئىنكاس قىلىدىغان ئاكتىپ ئامىللار كۆپەيدى. بىز ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى داۋامىلىق مۇقىملاشتۇرۇپ ، رايونلار ئارا تەڭشەپ – كونترول قىلىش ئاساسىدا يۆنىلىشلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتتۇق ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ، ھەمكارلىشىش ، ئورتاق پايدا ئېلىش جەريانىدا تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ ، تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ سۇجۇ سانائەت باغچە رايونى، تيەنجىن ئېكولوگىيە شەھەرچىسىدىن ئىبارەت ئىككى ھەمكارلىق بايراق تۈرىنى ئوبدان ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا ، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدا ھۆكۈمەتلەر ئارا ئۈچىنچى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ؛ جۇڭگو - سىنگاپور ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ بىرلەشمە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . لى كېچياڭ مۇنداق دېدى : سىنگاپور پات ئارىدا جۇڭگو - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچى دۆلەت بولىدۇ. جۇڭگو سىنگاپور بىلەن بىرلىكتە ، جۇڭگو – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى سىجىل ، ساغلام راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

  چېن چىڭيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى : سىنگاپور ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇساپىسىنى بالدۇرراق باشلاشنى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەتچىلىكنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ،سىنگاپور بىلەن جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا ئۈچىنچى ھەمكارلىق تۈرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر