باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىنتېر تورى قوشۇلغان يېزا ئىگىلىك يادرولۇق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى

2015.07.08 16:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىنتېر تورى قوشۇلغان ھەر قايسى ئەنئەنىۋى كەسىپلەر يادرولۇق مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان يېزا ئىگىلىك ئىنتېر تورى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ياخشى سىياسەت مۇھىتىنى كۈتۈۋالدى. مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، ئوتتۇرا، غەربىي رايوننى ئاساس قىلغان نۇقتىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرش رايونلىرىنىڭ سوغۇق ساقلانغان يېمەكلىكلەر تىجارەت زەنجىرى ئەشيا ئوبوروت قۇرۇلۇشى دۆلەت مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئالاقىدار قۇرۇلۇش تۈرلىرى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ تەدبىرنىڭ ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىدىن ئۈمىد بار.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىساد-سودا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شياۋنەن مۇنداق دېدى: زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشتا مۇنداق ئىككى مۇھىم قۇرۇلۇش بار، بىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سوغۇق ساقلاش زەنجىرى ئەشيا ئوبوروت قۇرۇلۇشى، يەنە بىرى شەھەر-يېزىلارغا يەتكۈزۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى. بۇ ئىككى قۇرۇلۇش-پۈتكۈل ئەشيا ئوبوروت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ناھايىتى زور ئۈنۈمگە ئىگە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ سېتىش تەس، سېتىۋېلىش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت يېقىنقى مەزگىلدە يېزا تور سودىسى ۋە ئەشيا ئوبوروت كەسپى ھەققىدە كۆپلەپ تەدبىر چىقىرىپ، نۇرغۇن مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلغان. ئىككى كۈن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەن «ئىنتېر تورى قوشۇلغان ھەر قايسى ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ھەرىكىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىنتېر تورى قوشۇلغان ھەر قايسى ئەنئەنىۋى كەسىپلەر زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە، ئىنتېر تورىغا تايانغان يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، تۈجۈپىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، كۆپ خىل تورلاشقان مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى يېتىشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بەش كۈن بۇرۇن، مالىيە مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىكنىڭ مۇۋاپىق كۆلەمدىكى تىجارىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىرنى ئېلان قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت ھالقىلىرىنى يۆلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئامباردا ساقلاش ۋە سوغۇق ساقلاش زەنجىرى ئەشيا ئوبوروت ئەسلىھەلىرىنى قوللاپ، يېزا-بازار ۋە كەنتلەرگىچە سوزۇلغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، سېتىش تورىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر