باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى باھالاش تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى

2015.07.08 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

78 يىل ئىلگىرىكى لۇگۇچاۋ ۋەقەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى پارتىلىغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن. جۇڭگو خەلقى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن، ياپون باسقۇچىلىرى بىلەن قانلىق جەڭ قىلىپ، دۇنيا فىشىزىمىغان قارشى ئۇرۇش غەلىبىسى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوست ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ناھايىتى مۇھىم خەلقئارالىق ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇنىڭ تۆھپىسى ئەبەدىي نۇر چاچىدۇ.

رۇسىيە ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى پېدروۋىسكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ 7-ئىيۇل ۋەقەسى پارتىلىغانلىقىنىڭ 78 يىللىقىنى خاتىرىلىشى جۇڭگونىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى قەيسەر روھىنى ۋە غايەت زور قۇربان بېرىش روھىنى نامايەن قىلىشىغا پايدىلىق، بۇ كىشىلەرگە جۇڭگونىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى شەرقتىكى ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانىدا ئوينىغان غايەت زور رولىنى تېخىمۇ تونۇتىدۇ. پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفسسسورى قەيۇمخان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مەركەز قىلغان ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى، بۇنىڭ تۆھپىسىنى كىشىلەر ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ياپونىيەدىكى ئوڭچىل سىياسىيلار ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىكى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلماي، تارىخقا توغرا قارىماي، ھەقىقەتنى يورۇشۇپ، تاكاللىشىۋاتىدۇ، بۇنداق سۆز ھەرىكەتلەر ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.



ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر