باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئومۇمىي خەلق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغانلىقىنى 78 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە «ئۇلۇغ غەلىبە تارىخىي تۆھپە» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە باشلاندى

2015.07.09 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ليۇۋ يۈنشەن كۆرگەزمىگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئومۇمىي خەلق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 78 يىللىقى ۋە «ئۇلۇغ غەلىبە تارىخىي تۆھپە» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 7- ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ج ك پ مەركىزى كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇۋ يۈنشەن سۆز قىلدى ھەم كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بېيجىڭ لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى يېنىغا جايلاشقان جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش سارىيىىدا چۈشتىن سائەت 10دا ، كىشىلەر ئازادلىق ئارمىيە ئوركىستىرى ئورۇندىغان «پىدائىيلار مارشى»غا جۆر بولۇپ جۇڭخۇا خەلق دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى. ئاندىن ھەممەيلەن سۈكۈتتە تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 78 يىل ئىلگىرى بۈگۈنكى كۈندە، ياپون جاھانگىرلىكى جۇڭگو ۋە چەت ئەلنى زىل زىلىگە سالغان لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى ۋەقەسىنى قەستەن پەيدا قىلىپ، دۆلىتىمىزگە ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھايات- ماماتلىق پەيتىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مىللەتنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى ئۈستىگە ئالدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى بىر نىيەتتە ئۇيۇشۇپ، ئىرادىدىن سىپىل ھاسىل قىلدى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى باتۇر ئەزىمەتلەر ۋە ۋەتەنپەرۋەر قۇماندانلار ھېچنىمىگە قارىماي، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگونىڭ سىرتقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ تۇنجى قېتىملىق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا فاشسىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسى زور تۆھپە قوشتى. ئومۇمىي خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ 78 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەش، «ئۇلۇغ غەلىبە، تارىخىي تۆھپە» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشتە تارىخنى ئەستە ساقلاش، ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى سۆيۈش، كەلگۈسىنى يارىتىش مەقسەت قىلىندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر