باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىدە دېھقانلارنىڭ دۆلەتكە ئاشلىق سېتىپ بىرىش قىزغىنلىقى ھەسسىسلەپ ئاشتى

2015.07.09 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋەر قىلىدۇ : بۇ يىللىق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسىدە دېھقانلارنىڭ دۆلەتكە ئاشلىق سېتىپ بىرىش قىزغىنلىقى ھەسسىسلەپ ئاشتى. نۆۋەتتە سېتىۋېلىشنىڭ سۈرئىتى تىز، سۈپىتى ياخشى بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنىگە قەدەر ناھىيە بويىچە يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋەزىپىسىنىڭ%50 ى ئورۇندالدى. ئاشلىق سېتىۋېلىش مەزگىلىدە دېھقانلارنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، كۇچا ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسى 12 ئاشلىق سېتىۋېلىش نوقتىلىرىدا دەم ئېلىش ئورنى تەسىس قىلىپ، ئاشلىق سېتىپ بەرگىلى كەلگەن دېھقانلارنى ئىچىدىغان سۇ، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، ئاشلىق سېتىۋېلىش تەرتىپلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئاشلىق چۈشۈرۈش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ ، ئەمگەك سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىپ بېرىش ۋاقتىنى تېجەپ قالدى. بۇ ناھىيە بۇ يىل 29 مىڭدە 75 توننا ئاشلىق سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ يىللىق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن، ناھىيەلىك ئاشلىق تارماقلىرى بالدۇر تۇتۇش قىلىپ ،ئامبارلارنى بىكارلاپ، ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلدى ۋە سىياسەت، قانۇن- بەلگىلىمىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ئامبارلارنى تولۇق ئېچىۋېتىپ سېتىۋېلىش سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 70 مىليون 400 مىڭ يۈەن ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىپ بېرىش ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر