باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھۆججەت تارقىتىپ كەسپىي جەمئىيەتلەر، سودا ئۇيۇشمىلىرى بىلەن مەمۇرىي ئورگانلارنى ئايرىۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2015.07.09 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 8-ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «كەسپىي جەمئىيەتلەر، سودا ئۇيۇشمىلىرى بىلەن مەمۇرىي ئاپپاراتلارنى ئايرىۋېتىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي لايىھە»نى 8-ئىيۇل تارقاتتى. لايىھەدە مۇنداق دېيىلدى: كەسپىي جەمئىيەتلەر، سودا ئۇيۇشمىلىرى بىلەن مەمۇرىي ئاپپاراتلارنى ئايرىۋېتىشنى پائال، مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي ئورگانلار بىلەن كەسپىي جەمئىيەتلەر، سودا ئۇيۇشمىلىرىنىڭ فونكسىيە چېگرىسنى ئېنىق ئايرىپ، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي جەمئىيەتلەر، سودا ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، ئۆزئالدىغا يىغىن ئۇيۇشتۇرىدىغان، مۇلازىمەتنى ئاساس قىلىدىغان، ئىدارە قىلىشنى قېلىپلاشتۇرغان، ئىش-ھەرىكەتتە تەلەپچان بولىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لايىھەدە ئايرىۋېتىش ۋەزىپىسى ۋە تەدبىرى مۇقىملاشتۇرۇلدى: بىرىنچىسى، ئاپپاراتنى ئايرىش، ئونىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ ئىككىنچىسى، فونكسىيەنى ئايرىش، مەمۇرىي ۋەكالەت ۋە مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتى مۇناسىۋىتىنى قېىلپلاشتۇرۇش؛ ئۈچىنچىسى، مال مۈلۈك، مالىيەنى ئايرىش، مال مۈلۈك مۇناسىۋىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ تۆتىنچىسى، خادىملارنى باشقۇرۇشنى ئايرىش، كىشلىك مۇناسىۋەتنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ بەشىنچىسى، پارتىيە قۇرۇلۇشى، تاشقى ئىشلار قاتارلىقلارنى ئايرىش، باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر